ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھەق يول بىلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. يوقاپ كەتمەي پات- پات كىلىپ زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ. بلوگىمىز داۋاملىق يېڭى مەزمۇنلار بىلەن كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرىمىز.

2011-02-08

PostHeaderIcon ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رېئال ئېكرانى» - Powered by UDGroup

ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رېئال ئېكرانى» - Powered by UDGroup

bashlanmisiDawami
2010-08-31

PostHeaderIcon uyghur bokischi Abdurishitxan

Uyghur bukischisi Abdusirishxanning bir xitay bokischisini urup yer chishletken kurnushi, her qandaq bir uyghurni hayajangha salmay turalmaydu. uning musabiqe bashlinishtin burun ALLAH qa sejde qilghan we tegbir éytqanliri ademni téximu suyunduridu.
Towendiki kurnushtin uyghur bokischisining xitay bokischini yer chishletken kurnushini kurung.

1- bölum

">

2-bölum

">

PostHeaderIcon ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان

ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ ھۆكىمى توغرۇلۇق تەپسىلىي بايان
بىرىنچى: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى 270- مىلادىيە يىلى خرىستىيان چېركاۋلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلنغان خرىستىئان پوپ داي فالىنتايېن(day valentine) تەرىپىدىن پەيدا قىلنغان رىملىقلارغا ئائىت جاھىلىيەت ئادىتى بولۇپ، ھازىرقى زامان خرىستىيانلىرى بۇ ئادەتنى داۋاملاۇشتۇرماقتا.
ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئادەمنىڭ كۇففارلارنىڭ ئادەتلىرىنى قىلىشى، خۇسۇسەن، ئۇلارنىڭ دىنىي تۈسىنى ئالغان بايراملىرىنى دوراش، قىلىش ۋە قوللاش قەتئىي ھارامدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى ھېيتى بار بار. بۇ ھېيتلار دىنىي بايراملار بۇلاردىن باشقا بايراملارنى ئۆتكۈزۈش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن راۋا ئەمەس.شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دېگەن: بايرام دېگەن دىنىي پائالىيەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا « ھەر بىر قەۋم ئۈچۈن شەرىئەت ۋە يول بەلگىلىدۇق» دېگەن. يەنە « ھەر بىر ئۈممەت ئۈچۈن قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى بەلگىلىدۇق» دېگەن. مەسىلەن: ناماز، روزا ۋە باشقىلارغا ئوخشاش پائالىيەتلەر. باشقا دىندىكىلەرنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىگە ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغۇلغان كۈن، يىڭى يىل بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىغا ئوخشاش دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىشنىڭ ھېچ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ بۇنداق بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئۇلارنىڭ كۇپرىلىقىغا رازى بولغانلىق ۋە مۇۋاپىقلاشقان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلىشىش پۈتۈن ئىشلىرىغا ماسلاشقانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر. دىنىي بايراملار شۇ دىننى باشقىسىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئەڭ چوڭ بەلگىسى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چوڭىدۇر. مۇنداق بايراملاردا كۇففارلار بىلەن ماسلىشىش ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىم دىنىي ئىشلىرىدا ئۇلارغا ماسلاشقانلىق بولىدۇ. مۇنداق ماسىلىشىش بەزىدە ئادەمنى كۇپرىلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: « ھەر بىر قەۋمنىڭ بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىزدۇر» دېگەن. كۇففارلارنىڭ دىنىي بايراملىرىغا قاتنىشىش ئۇلارنىڭ كىيىنىشىنى دورىغاندىن ئېغىر گۇناھتۇر. چۈنكى كىيىم ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تاشقىرى تەرپتىن ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بەلگە. ئەمما ئۇلارنىڭ دىنىي بايراملىرى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر گۇناھ. ئۇلارنى دوراش ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ئۇچراشتىكى مەخسۇس تەرەپلىرىنى دوراپ ئۇلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلغاندەك بىر ئىش.» (ئىقتىزائۇسسىراتۇل مۇستەقىيم 1/207).
شەيخۇلئىسلام يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمانلارنىڭ كۇففارلارنىڭ مەخسۇس ھېيتلىرىنى قىلىشى ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشى ھارامدۇر. ئۇلارنى تائام، كىيىم، يۈرۈش – تۇرۇش ۋە قانداقلا بىر ئىشتا دوراش ھارامدۇر. ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا قاتنىشىش، ئۇلارنىڭ دىنىغا ياكى بايراملىرىغا ياردەمچى بولىدىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا سېتىش ھارامدۇر. بالىلارنى ئۇلارنىڭ بايراملىرىدا ئوينايدىغان نەرسىلىرىنى ئويناشتىن توسۇش لازىم. مۇسۇلمانلار ئۇلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى ئادەتتىكى كۈنلەردەك كۆرىشى ۋە ئەھمىيەت بەرمەسلىكى لازىم» (25/329 پەتىۋالار)
ھاپىز زەھەبىي مۇنداق دېگەن« خرىستىئانلارنىڭ بايرىمى، يەھۇدىيلارنىڭمۇ بايرىمى بار. مۇسۇلمان ئادەم ئۇلارنىڭ بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلمايدۇ».
1- شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىنگە بىرى مۇنداق سوئال قويغان: « يېقىنقى يىللاردىن بىرى خرىستىئانلارنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتتى. بەزى ئوقۇغۇچى قىزلار ئارىسىدا بۇنداق ئادەتنى دوراش ئېقىمى كۆپ، ئۇلار قىپ قىزىل كىيىم كىيىپ بىر- بىرىگە گۈل تەقدىم قىلىشىدۇ. بۇنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
ئۇسەيمىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن: ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى قىلىش جائىز ئەمەس. بۇ مۇنداق بىر قانچە تەرەپلەردىن:
(1) ئۇ بىدئەت ئىش، شەرىئەتتىن دەلىلى يوق.
(2) ئۇ ھارام ئاشىق-مەشۇقلارغا ئېلىپ بارىدۇ.
(3) ئادەمنى كېرەكسىز ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىپ مۇھىم ئىشلاردىن قالدۇرىدۇ.( پەتۋا ئۇسەيمىن 16/199)
مۇنداق بايرام كۈنلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ يېيىش – ئىچىش، كىيىنىش، سوۋغات تەقدىم قىلىشىش ۋە ھەر قانداق ئىشتا باشقىچە ئىش قىلىشى ھارامدۇر. مۇسۇلمان ئادەم ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان، باشقىلارنى دورىمايدىغان بولىشى لازىم. ئاللاھ بىزنى ھەق دىنىمىزدىن ئايرىمىسۇن.
2-پەتىۋا كومىتېتى خرىستىئانلارنىڭ ھەر يىلى 2- ئاينىڭ41 –كۈنى ئـۆتكۈزىلىدىغان ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە :
بۇ كۈندە بايرام قىلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
بۇ كۈندە بايرام قىلىدىغانلارغا بىر نەرسە سېتىشنىڭ ھۆكىمى نېمە؟
دەپ سورالغىنىدا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنىڭ دەلىللىرى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە: مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا روزا ۋە قۇربان ھېيت بايراملىرى دەپ ئىككىلا بايرىمى بار. بۇلاردىن باشقىسى مەيلى كىشىگە ياكى كوللېكتىپقا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى باشقا مەنىلەردە بولسۇن ھەممىسى بىدئەت. ئىسلام ئەھلىنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى ھارام. مۇنداق بايراملاردا خوشاللىق ئىزھار قىلىش ياكى ئۇلارنى تەبرىكلەش ياكى قوللاش ياكى ياردەم قىلىش ھەممىسى ھارام. چۈنكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن چىقىپ كەتكەنلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن زۇلۇ م قىلغۇچىلاردۇر. مۇنداق كۇففارلارنىڭ دىنىي تۈس بىلەن پەيدا قىلغان بايراملىرىغا ئىشتىراك قىلىش ھارام ئۈستىگە ھارام – بىرىنچىدىن بىدئەت، ئىككىنچىدىن كاپىرلارنى دوراش، دورىغاندىمۇ دىنىي ئىشلىرىنى دوراش – نى سادىر قىلغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « كىمكى بىر قەۋمنى دورايدىكەن، ئۇ شۇ قەۋمدىن بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دېگەن خرىستىئانلارنىڭ ھەقىقىي دىنى بايرىمىمۇ ئەمەس، بەلكى بۇزۇلغان خرىستىئان دىنىنىڭ قەدىمقى رىملىق بۇددىستلاردىن قوبۇل قىلغان بۇددىزم ئادىتىدۇر. ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۇسۇلمان ئادەمنىڭ مۇنداق بايراملارنى قىلىشى، ئىشتىراك قىلىشى، ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشى، ئۇلارنى قوللىشى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشى ھالال ئەمەس. چۈنكى مۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەملەشكەنلىك، ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ئاسىيلىق قىلىشقا ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، گۇناھى ئېغىردۇر. ئاللاھ قۇرئاندا:« ياخشىلىققا، تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا، دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر».
مۇسۇلمان ئادەم قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسنىڭ روھىغا ئېسىلىشى ۋە پۈتۈن ھاياتلىق مۇساپىلىرىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھەر قانداق ئىشتا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنى چىڭ تۇتۇشى پەرزدۇر.
مۇنداق پىتنە – پاسات كۆپەيگەن، تەقۋالىق ئاز قالغان، ئەخلاق ئاجىزلاشقا، كۇففارلارنىڭ پىكىر ئىنقىلابى مۇسۇلمان ئادەم مەملىكەتلىرىگە بېسىپ كىرىشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئېتىقادىنى، ئىسلامىي ئەخلاقىنى، مۇسۇلمانچە قائىدە – يوسۇنلىرىنى قوغداشقا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى لازىم.
مۇسۇلمانلار « غەزەب قىلىنغان» ۋە « يولدىن ئازغانلار» لارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالماسلىقى، ئۇلارنىڭ زالالىتىگە ئىشتىراك بولۇپ قالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ھەزەر قىلىشى لازىم.
مۇسۇلمان ئادەم ئاللاھتىن ياردەم سوراپ دىنىدا سابت بولىشى، كۇففارلارنى دورىماسلىقى لازىم. ئاللاھتىن باشقا ھىدايەتچى يوق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت قىلسۇن ئامىن».
3- ئىبنى جۇبرىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى ھەققىدە سورالغاندا، مۇنداق دېگەن:
(1) مۇنداق بىدئەت بايراملارنى قىلىش ھارام. چۈنكى ئۇنىڭ دىنىي ئاساسىي يوق.
(2) مۇنداق قىلىش كۇففارلارغا ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن « كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا ئۇنىڭدىن بولۇپ كېتىدۇ» .
(3) مۇنداق بايراملاردا ھارام ئويۇنلار، ئەر – ئايال ھارام ئارىلىشىلار، تاماشا، ناخشا، مۇزىكا قاتارلىق ھاراملار بىلەن تولغان بولىدۇ. شۇڭا ھارام ئىشلاردىن قېچىش ئۈچۈن بۇنداق بايراملارنى قىلىش ھارام.
شۇڭا بۇنداق بايرامدا بىر- بىرىگە ھەدىيە بېرىشىشمۇ ھارام چۈنكى كاپىرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى دورىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىق، قوللىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمى بىلەن خوشال بولغانلىق بولىدۇ.
ئاخىرىدا دەيمىزكى، ئەي مۇسۇلمان قېرىنداش! قايسىبىر خرىستىئان ياكى قايسىبىر يەھۇدىي ياكى قايسىبىر بۇددىست ياكى كوممۇنىست سىزنىڭ دىنىي بايرىمىڭىز بولغان روزا قۇربان ھېيتلىرىڭىزنى ھۆرمەتلەيدۇ؟ قايسىسى ئۇنى قىلىدۇ؟ قايسىسى سىزگە ھەدىيە بېرىدۇ؟ قايسىسى سىزنىڭ بايرىمىڭىزنى سىزگە ئوخشاش ئۆز بايرىمى قىلىۋالدى؟ بىلەمسىز!؟ ئۇلار سىزنى سۆيمەيدۇ، دىنىڭىزنى ئىنكار قىلىدۇ! ئەمما سىز ئۇلارنىڭ بايراملىرىنى دورايسىز!!!!!! بۇ قىلغىنىڭىز توغرىمۇ؟؟؟؟

مەنبەسى: مەرىفەت تور بېكىتى

سائەت 11:03 0 يوللىدى Länkar till det här inlägget
تۈرى: ئىسلامى يازمىلار
جەننەت قانداق جاي؟
ھەق يول, fredagen den 5:e juni 2009
ئېھ! جەننەت، جەننەت! بالىلار بىلەمسىلەر؟ جەننەت قانداق جاي؟ ئەگەر مەن جەننەت ھەققىدە گەپ باشلىسام گېپىم ھېچ تۈگىمەيدۇ... ئەمما مەيلى كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئازغىنە بولسىمۇ سۆزلەپ بېرەي. قالغىنىنى چوڭ كىتابلارنى ئوقۇغۇدەك بولغاندا ئۆزىڭلار بىلىۋالىسىلەر. سىلەرگە جەننەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى قايسى باغقا، قايسى گۈزەل شەھەرگە ئوخشاتسام بولاركىن-ھە؟ ياق، ئۇنى ھېچ نەرسىگە ئوخشىتالمايمەن. چۈنكى بۇ دۇنيادا جەننەتكە ئوخشايدىغان ھېچقانداق جاي يوقدە..؟!ئۇ يەر شۇنداق چىرايلىقكى، سۆز بىلەن تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇ يەرگە پەقەت بېرىپ كۆرۈپ بېقىش كېرەك. ئەنە شۇنداق چاغدىلا جەننەنتنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. "جەننەتتە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان، ئادەمنىڭ خىيالدىن ئۆتمىگەن نەرسىلەر بار" دېگەن پەيغەمىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام. جەننەت ھازىر بارمۇ؟ ئەلۋەتتە، جەننەت ھازىر بار. ئۇ يەتتە قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ ئەرشنىڭ ئاستىغا جايلاشقان. ئۇ ناھايىتى چىرايلىق باغلاردىن، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريالاردىن، ئاجايىپ شەھەر ۋە مەملىكەتلەردىن، سايىسى سالقىن ئارامگاھلاردىن بېزەلگەن. جەننەتتكە كىرگەن ئادەم، بۇ دۇنيانى ئۇنتۇپ ھېچ قايتىپ چىققىسى كەلمەيدۇ. ئۇنداق قانچىلىك كاتتىلىقىنى ئېيتايمۇ؟ يەتتە قەۋەت ئاسمان بىلەن يەتتە قەۋەت يەرنىڭ ھەممىسى قوشۇلسىمۇ، جەننەتكە ھەرگىز تەڭ بولالمايدۇ. جەننەت ئەنە شۇنداق ئېسىل جاي! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھېدى 100 يىللىق يىراق يولدىن كېلىپ تۇرىدۇ. جەننەت قەۋەت - قەۋەت قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرىسى "فىردەۋىس جەننىتى" دەپ ئاتىلىدۇ. دۇنيا يوق بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما جەننەت ھەرگىز يوقالمايدۇ. جەننەتنىڭ سەككىز دەرۋازىسى بار. دارۋازىلار شۇنداق كەڭرىكى، ئۇ چېتدىن - بۇ چېتىگىچە 40 يىللىق يولدۇر. جەننەتنىڭ ئالدى دەرۋازىسىغا تۇنجى بولۇپ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالام كېلىدۇ. جەننەت ئۇ كىشىگە ئېچىلىدۇ. جەننەتكە ئەڭ ئاۋۋال شۇ زات كىرىدۇ. كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئۇممەتلىرى مۆئمىنلەر، يەنى بىز مۇسۇلمانلار كىرىمىز. شۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۇممەتلىرى كىرىدۇ. دىن يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەر، ئىلىمىگە ئەمەل قىلغان ئالىملار، كەمبەغەللەرنى ياخشى كۆرگەن بايلار ۋە ياخشى كىشلەر جەننەتكە بىرىنجى تۈركۈمدە كىرىدۇ. جەننەت ئەھلىنىڭ كۆپ قىسمى كەمبەغەللەر ۋە كۆپ زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەر بولىدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەملەر، ئېرىنى رازى قىلغان ئاياللار، خۇش پېئىل كىشلەرمۇ جەننەتكە تېزرەك كىرىدۇ. جەننەتنىڭ كۆپ دەرىجىسى بار. ئىنسانلار دۇنيادا قانچىلىك ئەمەل قىلغانلىقىغا قاراپ، تۈرلۈك خىل دەرىجىدە جاي ئالىدۇ. جەننەتنىڭ ھاۋاسى بەكمۇ يېقىملىق بولۇپ، سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس. دائىم ئىللىق باھاردەك بولۇپ تۇرىدۇ. ئەتتىگىنى كۈن چىقىش ئالىدىدا تۇرغان بىر ۋاقىت باركى، جەننەت دەل شۇ ۋاقىتقا ئوخشاش پاكىز ھەم ساپ بولىدۇ. ئۇ يەردە قۇياش بولمايدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن ھەممە جاي يوپيورۇق بولۇپ تۇرىدۇ.

بالىلار! جەننەتنىڭ مېۋىلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ نەچچە مىڭ خىل ئىكەنلىكىنى بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇلار ھازىر مەي باغلاپ پىشىپ، جەننەتكە كىرىدىغان ئادەملەرنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇلار ھەرگىز. پۇراپ قالمايدۇ، سېسىمايدۇ. تىك تۇرۇپ ئۈزىمەن دېسىڭىزمۇ، ئولتۇرۇپ ئۈزىمەن دېسىڭىزمۇ، يانپاشلاپ يېتىپ ئۈزۈپ يەيمەن دېسىڭىزمۇ بولىدۇ. جەننەت مېۋىلىرى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئۆزى كېلىپ تۇرىدۇ. بىرنى ئۈزسىڭىز، ئۇنىڭ ئورنىغا دەرھال يېڭىسى ئۆسۈپ تۇرىدۇ. ئۇ مېۋىلەر شۇنداق شېرىنكى، تەمى ئاغزىڭىزدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ. ئەگەر گۆش يېگىڭىز كېلىپ قالسا، ئالدىڭىزغا تۈرلۈك قۇشلار ئۇچۇپ كېلىشىدۇ. شۇنداقلا تىلغا كېلىپ سىزگە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشقا باشلايدۇ. "مەن پالانى قۇشمەن، پالان نەرسىنى يەپ چوڭ بولغانمەن، مېنىڭ گۆشىمنى يەڭ دەيدۇ-بىرسى."، "مەن پالان - پالان گۈللەرنى يەپ ئۆسكەنمەن، مېنىڭ گۆشىم تېخىمۇ شىرىن، مېنى يەڭ دەيدۇ يەنە بىرسى" سىز قايسى بىرسىنى تاللىسىڭىز، ئۇ شۇ ھامان پىشىپ، ئويلىغىنىڭىزدەك ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. يەپ بولۇشىڭىز بىلەنلا ئۇ يەنە تىرىلىپ ئۇچۇپ كېتىدۇ. جەننەتتە بىر ئادەمگە مىڭ خىزمەتچى بولىدۇ. ئۇلار يېنىڭىزغا كەلگەندە نازۇ - نېئمەتلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. ھەر قېتىم كەلگەندە 70 خىلدىن ئارتۇق تائاملار، سان - ساناقسىز قەدەھلەردە ئىچملىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىدۇ. تاللىغان تائاملىرىڭىزدىن ئارزۇيىڭىز بويىچە يەۋىرىسىز. خالىغان ئىچملىكلەرنى ئىچىۋىرىسىز. قورسىقىڭىز تويۇپ بىئارام بولمايسىز. تائامدىن كېيىن ھاجەت قىلىش بولمايدۇ. يىگەن تائاملىرىڭىز تەرگە ئايلىنىپ ئۆزى چىقىپ كېىتدۇ. تېرىڭىزدىن چىققان شۇ تەردىن ئاجايىپ خۇشپۇراق ئەتىرنىڭ ھېدى كېلىدۇ. جەننەتتە مىشقىرىش، تۈكۈرۈش، يۆتىلىش، شامالداش، كېسەل بولۇش يوق. ئاللا ئۇ يەردە ھەممە ئادەملەرگە يېڭىدىن بەدەن ئاتا قىلىدۇ. بەدىنىڭىزدە قان، يىرىڭ، بەلغەم بولمايدۇ. نەپەسلەنگەن چېغىڭىزدا، ئاغزىڭىزدىن ئۆز-ئۆزىدىن ھەمدۇ- سانا ۋە تەسبىھ چىقىپ تۇرىدۇ. جەننەتتە ھەر بىر ئىنسانغا تائام يىيىش، ئىچىش، ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن 100 ئادەمنىڭ كۈچى بېرىلىدۇ. بۇنداق ياخشىلىقلار بۇ دۇنيادا ھارام نەرسە يىمىگەن، ھارام ئىشلارنى قىلمىغان، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى دېگەن ئىشلارنى قىلغان، نەپسىنى تېزگىنلىگەن ئىنسانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان.

ئى بالىلار! جەننەتتە قېرى مۇمايلار ياش قىزلارغا ئايلىنىپ كىرىدۇ. بۇۋايلار يىگىتقا ئايلىندۇ. ساقاللار بولمايدۇ. جەننەتتە ھەممە ئادەملەر بىر خىل ياشتا يەنى 33 ياشتا بولىدۇ. ھەرگىز قېرىمايدۇ ھەم ئۆلمەيدۇ. دائىم ياش ۋە چىرايلىق ھالىتدە بولۇپ يۈرۋېرىدۇ. جەننەتتە بىر بازار بولۇپ، ئۇ يەردە ھېچنىمە سېتلمايدۇ. ئەمما ھەرخىل چىرايلىق ئادەملەرنىڭ سۈرىتى بولىدۇ. شۇ يەرگە قايسى سۈرەت سىزگە ياقسا شۇنى تاللايسىز. سىز شۇ سۈرەتتىكى چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىسىز. شۇنداق قىلىپ جەننەتتە ھەممە ئادەم ئۆزى خالىغانچە چىرايلىق ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ. جەننەتتە بىر دېڭىزدا سۇ، يەنە بىر دېڭىزدا سۈت، يەنە دېڭىزدا ھەسەل، يەنە باشقا دېڭىزدا باشقا ئىچملىكلەر بولىدۇ. ئەنە ئاشۇ دېڭىزلاردىن، دەريالاردىن توختىماي ئىچملىكلەر ئاقىدۇ. ئۇ ئۆيىڭىزنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. ئەمما ھېچكىمگە زىيان سالمايدۇ. ئادەملەر ئۆيىدە تۇرۇپ جەننەتنى تاماشا قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ يەردە يەنە بىر دەريا بار. دەريانىڭ بويىدا چىرايلىق قىزلار بولىدۇ. ئۇ بەكمۇ چىرايلىق ئاۋازلىرى بىلەن ناخشا ئېيتىشىدۇ. ئادەملەر كېلىپ ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايدۇ. ئۇنداق چىرايلىق ئاۋازنى دۇنيادا ھېچكىم ئاڭلىمىغان. ئاشۇ قىزلاردىن قايسىبىرى كىمگە يېقىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنى شۇ كىشىگە ھەدىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئاللاھ شۇ زامان باشقىسىنى يارىتىپ قويىدۇ. ئاللاھ ھەر بىر كىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن دەپ 72 قىز سوۋغا قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىككىسى بۇ دۇنيادىكى قىز - ئاياللاردىن، 70 ى جەننەت ھۆرلىدىن بولىدۇ. جەننەت مۆئىمن ئاياللارمۇ ئۆزلىرى خالىغان كىشلەر بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تېخىمۇ كۆپ ياخشىلقلارنى تەييارلاپ قويغان.

ئى بالىلار! جەننەت بىر دەرەخ بار. ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئاستىدا ئات بىلەن 100 يىل چاپسىىڭىزمۇ سايسى تۈگىمەيدۇ. جەننەتتە قاناتلىق ئۇچار ئاتلار بولىدۇ. ئۇنى مىنسىڭىز سىزنى ئۇچۇرۇپ ئوينىتىدۇ. ئەمما يىقىتىۋەتمەيدۇ. ئېلىپ قېچىپ كەتمەيدۇ. قەيەرگە دېسىڭىز "خوپ" دەپ ئېلىپ بېرىپ سىزنى تاماشا قىلدۇرىدۇ. بۇ دۇنيادا كەم ئەمەل قىلغان، جەننەتكە ھەممىدىن كېيىن كىرگەن، ئەڭ ئاز مۇكاپات ئالىدىغان كىشى ھەققىدە سۆزلەپ بېرەيمۇ؟ ئۇ ئادەمگە جەننەت بېرىلىدىغان باغلار، گۇلزارلار، شەھەر ۋە مەملىكەتلەر، ھازىر بىز ياشاۋاتقان دۇنيا بىلەن باراۋەر بولىدۇ. كېيىن ئۇنىڭغا يەنە شۇ دۇنيادىن 10 ھەسسە بېرىلىدۇ. ئەنە قاراڭ؟ جەننەتتىكى ئەڭ ئاز مۇكاپات شۇ بولسا، ئەمدى راسا كۆپ ئەمەل قىلغان ئادەمگە بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى قانداق تەسەۋرۇر قىلغىلى بولىدۇ؟ جەننەتنىڭ شەھەر ۋە كوچىلىرى ساراي ۋە قەسىرلىرى، ھويلا - ئۆيلىرى، ئالتۇن كۆمۈشتىن، ياقۇت ۋە زەرلەردىن، مەرۋايىت ۋە زۇمرەتلەردىن بولىدۇ. يەردە چاڭ - توزان ۋە كىرلەر يوق بولۇپ، يەردە خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان زەفىران بولىدۇ. بولدى بەس! جەننەتتە ئىنسانلارغا تەبىئىتىگە نېمە ياقسا شۇ بار، نېمە ياقمىسا ئۇ دوۋزاخقا يۆتكەپ قويۇلغاندۇر. جەننەتكى ئەڭ چوڭ نېئمەت ۋە مۇكاپات شۇكى، ھەممە مۆئمنلەر ئاللاھنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنداقلا يۇزمۇ - يۈز تۇرۇپ سالاملىشدۇ، پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئەڭ ئۇلۇغ بەخىتتۇر. دېمەك بىز جەننەتتە ئاللاھنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى كۆرىمىز. بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بوۋا - مۇمىلىرىمىزنى ئىنىشائاللاھ جەننەتتىن تاپىمىز. ئۇ يەردە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادەملىرى، دوستلىرى بىلەن بىرگە ياشايدۇ. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا قىيامەت كۈنى يوق بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۆئىمنلەرنى جەننەتتكە كىرگۈزىدۇ. جەننەت بۇ دۇنيادا ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلغان، پاكىزە ھايات كەچۈرگەن، سەبرىلىك، غەيرەتلىك ۋە جەسۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەييارلاپ قويۇلغان. مۇسۇلمانلار جەننەت ئەبەدىي راھەتتە ياشايدۇ. ئەمما جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن، ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەق يولدا بۇلىشى، قېينچىلىق ۋە سىناقلارغا چىرايلىق سەۋرى قىلىشى كېرەك.

ئى بالىلار! ياخشىسى ئۆزۈڭلار تېزراق كىتاب ئوقۇيالايدىغان بولۇڭلار. شۇندىلا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىسىلەر. ئەڭ مۇھىمى، سىلەر جەننەتكە كىرىدىغان ياخشى بالىلار ۋە ياخشى قىزلار بولۇڭلار. ئىلىملىك، ئەدەبلىك، ئىبادەتلىك، تەقۋالىق، مېھنەت سۆيەر، سەۋرلىك ۋە قورقماس بولۇپ ئۆسۈڭلار. قورۇقماي ياشاڭلار.
2010-05-07

PostHeaderIcon uyghurliqidin numus qilidighan uyghur

">bashlanmisiDawami

PostHeaderIcon sherqiy turkistanning dolet bayriqi

">bashlanmisiDawami

PostHeaderIcon 5-iyul qirghinchiliqini meng´gu unutmaymiz

">bashlanmisiDawami

PostHeaderIcon islam


bashlanmisiDawami